Erkin Sidiq: Nöwettiki Weziyet Heqqide (194) — 2026-5-16
"Oylinish Ichide Ilgirilesh" (1/4) "ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش " بۇ ماقالىنىڭ ئەسلىدىكى نۇسخىسى بۇ يەردە بار: https://www.meripet.com/Sohbet/Oylunu... ۋەتەندە كېيىن نەشىر قىلىنغان كىتابلاردا تۆۋەندىكى مەزمۇن ئۆزگەرتىلىپ، مېنىڭ ئىسمىم ئېلىپ تاشلىنىپتۇ. نېمىشقا شۇنداق قىلىنغانلىقىنى بىز ھەممىمىز چۈشىنەلەيمىز. = ===================================== = 2-خاتىرە: شىنجاڭ داشۆ فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن سىدىقنى ئۇچراتقانلىقىم ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئۇنىڭ ياپونىيىدىن قايتىپ كەلگىنىگە تېخى ئەمدىلا بىر نەچچە كۈن بولغانىكەن. دابەن ئېلېكترىك سايمانلىرى داشۆسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى ئەھۋاللار تېخى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن، ھېسسىياتى تېخى تولۇق ئەسلىگە قايتمىغانىكەن. مەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، ئۈستەلدە ماتېرىيال يېزىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئېگىز بويى، ئاق پىچىم چىرايى، زىيالىي سۈپەت قامىتى ھەر قانداق كىشىنىڭ دىققىتىنى بىردەمدىلا ئۆزىگە تارتىۋالالايدىكەن. ئۇ شىنجاڭغا پۈتۈنلەي يېڭى نەزەر بىلەن قارايدىكەن. ئۇنىڭ مېھمانخانىسىدا چىرايلىق سۆھبەت پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، گويا سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىنى سۈمۈرگەندەك، ئىچ- باغرىم ئېچىلىپ قالدى.- ياپونىيىنىڭ دابەن ئېلېكترىك داشۆسىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان چېغىمدا، ياپونلار ھەدېسىلا مەندىن: ياپونىيىگە كەلگەندىن بۇيان نەزەرىڭىزگە ھەممىدىن بەك سىغمىغان نەرسە نېمە؟ سىزنىڭچە ھەممىدىن بەك ئوسال يەرلىرىمىز نېمە ئىكەن؟ ھەممىدىن بەك قالاق يەرلىرىمىز نېمە ئىكەن؟ دەپ سوراپ تۇردى. ئۇلار كەمچىلىكلىرىنى، يېتىشسىزلىكلىرىنى ئېيتسىڭىز خۇرسەن بولىدىكەن، لېكىن بىزنىڭ جۇڭگودا بولسا، ياخشى دەپ تەرىپلىگەننى ياخشى كۆرۈدىكەنمىز. ئۇيغۇرلار جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر قىسمى، بىزمۇ باشقىلارنىڭ ياخشى دەپ ماختىشىنى ياخشى كۆرۈدىكەنمىز. ئۆزىنىڭ يېتىشسىزلىكلىرىنى تونۇمىغاندا ئالغا ئىلگىرىلەش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن، بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەمچىلىكلىرىمىز نېمە؟ دېگەن سوئال مېڭەمدىن كەتمىدى. مەن ئۆزۈم ياش، ئۆزۈمنى ياپونلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ باقتىم: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ياپون ئوقۇغۇچىلار كۇتۇپخانىغا ھەممىدىن كۆپرەك كىرىدىكەن، بىز ئاز كىرىدىكەنمىز؛ دەرسلىكتىن باشقا ماتېرىياللارنى ئوقۇشتا ياپون ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئوقۇيدىكەن، بىز ئاز ئوقۇيدىكەنمىز: ياپون ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 3- 4 تىن بولۇپ قۇرۇق پاراڭ سوقۇدىغانلار ئاز، بىزدە كۆپ ئىكەن؛ ياپون ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھەددى- ھېسابسىز كىنو كۆرۈدىغانلار، تانسا ئوينايدىغانلار ئاز ئىكەن، بىزدە كۆپ ئىكەن. مانا بۇ ئەھۋاللار ئىككى خىل پسىخىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىكەن. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئالىي مەكتەپكە كىرىۋالسىلا دىپلوم ئالالماسلىقتىن ئەندىشە قىلمايدىكەن: دىپلوم ئېلىۋالسىلا، خىزمەتكە تەقسىم قىلىنالماسلىقتىن ئەندىشە قىلمايدىكەن؛ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، مەلۇم ستاژغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇنۋان ئالالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلمايدىكەن. مانا بۇنداق بىغەملىك، تەبىئىيكى، كىشىنى ھۇرۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ياپون ئوقۇغۇچىلاردا ئۇنداق قورقماسلىق يوق ئىكەن.ئېلاۋە: ھاياتلىق ئىجادچان كۈچكە باي بولىدۇ، لېكىن ھاياتلىق تەبىئىي يوسۇندا راھەت- پاراغەتكە ئامراق بولىدۇ. مانا بۇنداق زىددىيەت ئادەملەرنى تۇرمۇشتا تۈرلۈك تۈسكە كىرگۈزۈپ قويىدۇ: بەزىلەر جەسۇر بولىدۇ، بەزىلەر زەئىپ بولىدۇ؛ بەزىلەر زېرەك، بەزىلەر دۆت بولىدۇ؛ بەزىلەر غالىب، بەزىلەر مەغلۇپ بولىدۇ.

«ئوچۇق سۆھبەت»: قۇللۇقتىن ھۆرلۈككىچە: لاگېردىن سېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى

«ئوچۇق سۆھبەت»: خىتاينىڭ قازاقىستاندا يامراۋاتقان جىنايەتلىرى / نەق مەيدان

تۇمانلىشىۋاتقان ئىقتىسادى ئاتموسفىرا

ئەينەك-تراپنىڭ خىتتاي زىيارىتى نېمىلەدىن دېرەك بېرىدۇ-ئېلشات ھەسەن ك بۆرە

ۋەقە ۋە مۇلاھىزە 76-سان: تىرامپ-شى ئۇچرىشىشى يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىمۇ؟ / نەق مەيدان

خىتايدىكى ئۆزگىرەشلەر نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ | Xitaydiki Özgireshler Némidin Dérek Béridu?

بۇغراخان ماركىسىدىن ماركو پولوغىچە: غەيرەتجان روزىنىڭ 30 يىللىق مۇجادىلىسى

پىنسىيەلىك ھىساۋاتى يوقلار ئۈچۈن پايدىلىق ئۇچۇر. ئەنسىرىمەسلىك ئۈچۈن تەدبىر ئىلىش كىرەك.

Erkin Sidiq: Nöwettiki Weziyet Heqqide (195) — 2026-5-30

نېمە ئۈچۈن «خىتاي دۇنياغا ئاپەت» دەيمىز؟ / Néme üchün «xitay dunyagha apet» deymiz?

سەككىزىنچى بۆلۈم(خۇلاسە): خىتاينى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

ئا. تالىپ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىدا | A. Talip Tewellutining 100 Yilliqida

پېرىزىدېت تىرامپ ۋە پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ياپۇنىيە

DUQ TV .Kүндилик Xәвәрләр 2026-05-21/كۈندىلىك خەۋەرلەر/ Kündilik Xewerler

INTEL Roundtable w/ Johnson & McGovern : Weekly Wrap 5-June

گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» سىياسىتىگە قارشى كۈچلۈك قەدەم تاشلىدى

شمایل یک شکست (قسمت دوم): روزهای خاکاره و جنون: ژاپنِ بعد از تسلیم، چگونه زنده ماند؟ | پادکست پرسه

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچى- شەرقى تۈركىستان قۇرالسىز ئازات بولامدۇ؟ 2-قىسىم | Uyghur

نمایش آرم ساواک؛ خودکشی سیاسی جریان پهلوی

