Ushshaq Muqami Suzuk Nosxisi | Ushshak Mukam HD Version

سۈزۈك مۇقاملارنىڭ يەتتىنچىسى كەلدى ئەمسە. ئۇششاق مۇقامى ئالدىنقى 30 يىلدا سەھنىگە ئەڭ كۆپ ئېلىپ چىقىلغان مۇقامدۇر. بولۇپمۇ يارىم ساقى ۋە جۇلا قىسمى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەر يىللىق ھېيتلىق ياكى باشقا كېچىلىكلىرىدە بەك كۆپ قېتىم ناخشا ئۇسۇللىرى بىلەن ئورۇندىلىپ چىققاچمىكىن، مېنىڭ بەزى دوستلىرىم ھەتتا ئۇششاق مۇقامىنىڭ يارىم ساقى ۋە جۇلا قىسمىنى ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ ھەممىسى شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلىۋاپتىكەن. ئۇلارغا مۇقاملارنى تولۇق بىر قېتىم ئاڭلاش ئۈچۈنلا كېمىدە 20 سائەت كېتىدىغانلىقىنى، 12 مۇقامدا ئۇششاق جۇلادەك ئاھاڭلاردىن 400 گە يېقىنى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغانتىم. بۇنداق ئەھۋال كىلىپ چىقىشتىكى سەۋەب، 12 مۇقاملارنىڭ دۋد، س د پىلاستىنكىلىرىنى چىقارغاندىن باشقا، مۇقام ئانسانبىللىرى، تىلىۋىزىيە ئىستانسىلىرى مۇقاملارنى كەڭ خەلققە ئومۇملاشتۇرۇشتا، مەيلى قانداق سەۋەپ بولۇشتىن قەتئىينەزەر، قاتتىق مەغلۇپ بولغان. سەھنىدە قاچانلا قارىسا، بىر بولسا چەببىيات جۇلاسى، ئۇ بولمىسا، ئۇششاق جۇلاسى. خۇددى ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا باشقا ناخشا-ئاھاڭلار يوقتەكلا. ھەتتا ئۆزھال جۇلاسىنىمۇ خەلق ئاممىسى مۇقام ئانسانبىلى ئورۇندىغىنى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئابدۇللانىڭ بۇزۇپراق ئوقۇغان نوسخىسى ئارقىلىق بىلىشىدۇ. مەكتەپلەردىمۇ مۇزىكا دەرسىدە مۇقام ئۈگىتىدىغان ئىش يوق، 12 مۇقامنىڭ ئىسىملىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا يادلىتىپلا بولدى قىلىشىدۇ. ئەمدى ئۇششاق مۇقامىنىڭ فىلىمىغا كەلسەك، بۇ فىلىمدە ناھايىتى گۈزەل بىر ھىكايە بايان قىلىنغان. بۇرۇنقى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ بېرىدە، مەلۇم بىر چالغۇ بىلەن ناخشا-ئۇسۇلدىن باشقىنى ئۈگەتمەيدىغان مەدرىس بولغان ئىكەن. مەدرىستە قىز-ئوغۇل ئارىلاش 20-30 بالا ئوقۇيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مۇدەررىسنىڭ قىزىمۇ باركەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يەنە مۇدەررىس بېقىۋالغان يەنە بىر كەپسىز راۋاپچى بالا باركەن. راۋاپچى بالا بىلەن مۇدەررىسنىڭ گۈزەل قىزى كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئۆسۈپ چوڭ بوپتۇ. بالاغەتكە يەتكەندە بولسا ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئۆز-ئارا مۇھەببەت رىشتىنى ساپتۇ. شۇنداق بىر كۈنلەردە خاندىن يارلىق چۈشۈپ، راۋاپچى يىگىتنى ئوردىغا ماھارەت كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ. يىگىت ئۇستازى، ساۋاقداشلىرى ۋە مەشۇغى بىلەن خوشلىشىپ خان ئوردىسىغا بېرىپتۇ ۋە كامالەتكە يەتكەن راۋاپ ماھارىتى بىلەن ھەممەيلەننى قايىل قىلىپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ يالغۇز قىزى ۋە ۋەزىرلەرنىڭ بەگزادە، خانقىزلىرىغا مۇزىكا ئوقۇتقۇچى قىلىپ تەيىنلەپتۇ. دەرس ئۆتۈش جەريانىدا، بۇ گۈزەل، خۇشخۇي مەلىكىمۇ بۇ راۋاپچى يىگىتكە كۆيۈپ قاپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ بولسا يىگىتنى ھەر يەرلەردە ئۆز يېنىغا تارتىپ، كاتتا ئىلتىپاتلارنى كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھنىڭ يىگىتنى كىيئوغۇل، تەختىگە ۋارىس قىلماقچى بولۇش نىيىتى بەكلا ئېنىق ئىكەن. بۇ ئامەتلىك راۋاپچى يىگىت زادى قانداق قىلىدۇ؟ گۈزەل مەلىكە، شاھ تەختىنى تاللامدۇ، ياكى. ..؟ ئەگەر ھىكايىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار، ئەمسە ئۇششاق مۇقامىغا مەرھەمەت. Timecodes: 00:00 - Muqeddime 02:40 - Te'ezze  14:27 - Nosxe 22:04 - Yarim Saqi we Julasi 26:13 - Kichik Seleqisi 32:42 - Dastan_1 40:41 - Dastan_2 45:32 - Dastan_3 49:50 - Dastan_4 54:12 - Dastan_5 58:44 - Meshrep 

Dilshat Rahdin/دىلشات راھدىن
▶︎

Dilshat Rahdin/دىلشات راھدىن

Rak Muqami Suzuk Nosxisi | Rak Mukam HD version
▶︎

Rak Muqami Suzuk Nosxisi | Rak Mukam HD version

MAGNİTAFON -Birinji gijede bolan waka
▶︎

MAGNİTAFON -Birinji gijede bolan waka

Ancient Persian Sufi — Rhythmic Dervish Trance for Spiritual Rest & Meditation (Deep Focus Music)
▶︎

Ancient Persian Sufi — Rhythmic Dervish Trance for Spiritual Rest & Meditation (Deep Focus Music)

Ejem - Abduweli Sattar & Telehmet Rozi
▶︎

Ejem - Abduweli Sattar & Telehmet Rozi

Romance Française à Paris ❤️ The Chanson Muse | Musique de Café Parisien & Chanson 1960s
▶︎

Romance Française à Paris ❤️ The Chanson Muse | Musique de Café Parisien & Chanson 1960s

Kosova jangida yevropani vayron qilgan afsona - Sulton Murod I
▶︎

Kosova jangida yevropani vayron qilgan afsona - Sulton Murod I

Türkei – USA Highlights | Gruppe D, FIFA WM 2026 | sportstudio
▶︎

Türkei – USA Highlights | Gruppe D, FIFA WM 2026 | sportstudio

Usbekistan – Das echte Land der Seidenstraße | Samarkand & Buchara – Doku
▶︎

Usbekistan – Das echte Land der Seidenstraße | Samarkand & Buchara – Doku

Uyghur Twelve Muqams UZHAL MUQAM   ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇزھال مۇقامى 6-قىسىم
▶︎

Uyghur Twelve Muqams UZHAL MUQAM ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇزھال مۇقامى 6-قىسىم

Nawa Muqami Suzuk Nosxisi | Nawa Mukam HD Version
▶︎

Nawa Muqami Suzuk Nosxisi | Nawa Mukam HD Version

Old Persia Journey — Deep Focus Mix for Calm Study & Quiet Productivity (Ideal For Late Night)
▶︎

Old Persia Journey — Deep Focus Mix for Calm Study & Quiet Productivity (Ideal For Late Night)

Ebeydulla Turdi we Abliz Shakir orunlaydu. ئەبەيدۇللا تۇردى ۋە ئابلەز شاكىر ئورۇنلايدۇ
▶︎

Ebeydulla Turdi we Abliz Shakir orunlaydu. ئەبەيدۇللا تۇردى ۋە ئابلەز شاكىر ئورۇنلايدۇ

الرقية الشرعية للشفاءمن السحروالعين والحسد حصن من الشيطان رقية البيت والاولاد بصوت القارئ سعيد حمدان
▶︎

الرقية الشرعية للشفاءمن السحروالعين والحسد حصن من الشيطان رقية البيت والاولاد بصوت القارئ سعيد حمدان

Scandal in Berlin! Alice Weidel accuses Merz of squandering taxpayer money
▶︎

Scandal in Berlin! Alice Weidel accuses Merz of squandering taxpayer money

🎶 Italian Vibes & Mediterranean Music 🎶 3+ Hours Scenic Amalfi Coast & Lake Como Relaxation 4K
▶︎

🎶 Italian Vibes & Mediterranean Music 🎶 3+ Hours Scenic Amalfi Coast & Lake Como Relaxation 4K

‼️Крупнейшая атака на Россию. 40-дневный план Зеленского. Бунт российских военных / Утренний эфир
▶︎

‼️Крупнейшая атака на Россию. 40-дневный план Зеленского. Бунт российских военных / Утренний эфир

Bayat Muqami Suzuk Nosxisi | Bayat Mukam HD Version
▶︎

Bayat Muqami Suzuk Nosxisi | Bayat Mukam HD Version

گفتی بیا گفتم کجا؟ | یکی از زیباترین غزل های مولانا با موسيقى روح نواز و آرامش بخش
▶︎

گفتی بیا گفتم کجا؟ | یکی از زیباترین غزل های مولانا با موسيقى روح نواز و آرامش بخش

Penjigah 2D Merghuli-Oma oriduq-Sen qayaqtin kelisen|Ilham-Shohret-Hayrullam|ғулҗа- или музикилири
▶︎

Penjigah 2D Merghuli-Oma oriduq-Sen qayaqtin kelisen|Ilham-Shohret-Hayrullam|ғулҗа- или музикилири